• 维吾尔语
    • 中文
  • تىزىملىتىش
  • توربېكەت قۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

    بىلوگدىكى دوسلار ياخشىمۇسىزلەر،شەخسىي قىزىقىشىم ۋە كېيىنكى تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈچۈن بىر تور بېكەت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن.ئەلۋەتتە ھازىر بۇ پەقەت بىر لايىھەلەش باسقۇچىدا ھېچقانداق ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمۈدۈم،بىرىنچىدىن ئىقتىساد كەمچىل ھازىر تېخى ئوقۇش پۈتكۈزمىدىم مۇقۇم كىرىمىم يوق،يەنە بىر تەرەپتىن تېخنىكا بىلىملىرىم بىر توربەتنى قۇرۇپ تور يۈزىگە ئېپ چىقىپ نورمال يۈرگۈزۈشكە كەملىك قىلىدۇ. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن ئەڭ ئاۋال بىر قۇرۇق خىيالمۇ بولمىسا بىر ئىشنى باشلاشمۇ مۇمكىن بولمىغۇدەك، شۇڭا ھازىر بۇ بىلوگدا تېخنىكا بىلىدىغان دوستلاردىن مەسلەھەت ئالاي دەپ بۇ يازمىنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.
    توربەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزۈمنىڭ ئاددىي ئويلىرى بىلەن بىر قىسىم بېكەتتە بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۆر دەپ قارىغان ئىقتىدار ۋە شەرىت-شارائىتلارنى يېزىپ چىقتىم.

    توربەتنىڭ يۈلىنىشى : گۈزەل سەنئەت رەسىم لايىھە فوتوگىرافلىقنى ئاساسلىق باش تېما قىلغان بېكەت قۇرۇش
    دەسلەپكى قەدەمدە توربەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلار ۋە كېتەرلىك شارائىتلار :
    1- مۇقىم بولغان قانۇنلۇق مۇلازىمىتىر ۋە ئەنگە ئېلىنغان ئەستە تۇتۇش ئوڭاي بېكەت ئاساسي تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تور نامى.
    2-يانفۇن ۋە كومپىيوتېر كۆپ سۇپىدا ماسلاشقان بولۇشى كېرەك،ھەر قايسى ئىزدەش ماتورلىرى نورمال ئىزدەپ تاپالايدىغان بولۇش، كۆرۈنمە يۈزى UI كۆركەم ھازىرقى زامان گۈزەللىك قارشىغا ئۇيغۇن بولۇشى.
    3-ئابونىتلار تىزىمغا ئالدۇرۇپ كىرىش ئىقتىدارى ۋە فوتو سۈرەت،گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ھەمبەھىرلەش، ئىنكاس يوللاش بۇ ئارقىلىق بېكەت جۇغلانمىسىغا ئېرىشىش ئىقتىدارى.
    4-ئارقا سۇپا ئارقىلىق ھەربىر ئابونىت يوللىغان مەزمۇننى ۋە ئىنكاسنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئابونىت IP سىنى تەكشۈرۈش ، بېكەت ياردەمچىسى ۋە باشقۇرغۇچى قاتارلىق ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بېكەت باشقۇرغۇچىسى ھوقوقىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان ئىقتىدارى.
    5-يازما ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر ھوقوقى ئوغرىلىرىدىن قوغدىغىلى بولۇشى،رەسىم ياكى يازمىنى بىۋاستە كۆچۈرۈلمەيدىغان بولۇشى.
    6-مۇشۇ ئىقتىدار ۋە شارائىتلار ئاساسىدا يەنە باشقا قوشۇمچە لازىملىق ئىقتىدارلار.
    بىلوگدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بىلىدىغان دوستلار بولسا يول كۆرسەتسە دېگەن ئۈمۈدتىمەن. مەن ھازىر بىلىدىغان بېكەت قۇرۇش سېستىمىلىرىدىن ۋورپرېس، ئېملوگ،دىسكاز،زبلوگ قاتارلىقلار بار لېكىن بىرىدە بار ئارتۇقچىلىق بىرىدە يوق چوقۇم باشقىدىن كود يېزىشقا توغرا كەلسە مېنىڭچە چىقىمى چوقۇم ئارتىپ كېتىدۇ دەپ ئويلۇدۇم بىلمىدىم يەنە باشقا تەلەپكە چۈشىدىغان تەييار بېكەت قۇرۇش سېستىمىسى بادىمۇ؟،تور بەت سېستىمىسىدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان تور بوشلۇقى بىلەن تور ئادىرسى قانداق تاللاش كېرەك،تور نامىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا قانداق يوللارنى باسىمىز مۇشۇلار توغۇرلۇق ئىنكاس رايونىدا دوسلارنىڭ تەكلىپى يول كۆرستىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
    ئەگەر يادەم قىلىش يول كۆرستىشنى خالايدىغان ۋاقتى بار دوستلىرىمىز بولسا ئۈندىدارىمنى قاچىلىۋېلىپ مەسلەھەت بەرسە دېگەن ئۈمۈدتىمەن.
    ئۈندىدار : wrsyishu
    ?
    توربېكەت قۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

    چۈشۈرۈش پارولى : يوق يېشىش پارولى : يوق
  • 1
  • 2
  • 399
  • 瓦热斯江
  • 2يىل بۇرۇن
  • 你可能会喜欢的
    تېما ئارىلىقى يان ئىستون ئورنى:سول