• 维吾尔语
    • 中文
  • تىزىملىتىش
  • ئاپتورنى كۈرۈش
  • قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    سۇمرۇغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    1. [talkie lang=“zh_CN”]朗读的文字内容[/talkie]

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    بەدىنىدە قولتۇق پۇرىقى بولسا بەك ئوڭايسىزلىنىپ قالامدۇ؟ قولتۇق پۇرىقى بولۇش نورمال ھادىسىمۇ؟

    قولتۇق پۇرىقى بولۇش نورمال ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە باشقىلار يېنىمىزدىن ئۆتكەندە كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقىنى پۇرىغىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى «سېسىق پۇراق»نى يېپىۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىدۇر.

    نۇرغۇن كىشىلەر قولتۇق پۇراش سەۋەبىدىن مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغان، قىستا ـ قىستاڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئوڭايسىزلىققا دۇچ كەلگەن، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىز ـ بۇرنىنى ئىتىپ تۇرۇپ دېگەن يېقىمسىز سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن، ھەتتا بەزىلەرنىڭ چىداپ تۇرالماي: «كىم بۇ؟ نېمانچە سېسىق، خۇددى ئۆلۈكتەكلا!» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان ۋاقىتلارمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

    قولتۇقى پۇرايدىغان ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى دەردلىرىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەمەلىيەتتە قولتۇق پۇرايدىغانلار نورمال كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، قولتۇق پۇراش بولمىغان كىشىلەر بىنورمال ھېسابلىنىدۇ.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    قولتۇق پۇراش نەدىن كېلىدۇ؟

    تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئادەم بەدىنىدىكى تەر بەزلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاساسلىقى كىچىك تەر بەزلىرى (%90نى ئىگىلەيدۇ) ۋە چوڭ تەر بەزلىرى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. كىچىك تەر بەزلىرىدە تەر بىر قەدەر ئاز چىقىدۇ، كۆپىنچىسى رەڭسىز، پۇراقسىز بولىدۇ، چوڭ تەر بەزلىرى ئاساسلىقى قولتۇق ئاستى، داس ئاستى، ئەمچەك دېغى، تاشقى قۇلاق يولى، پۇت قىسمى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەركەزلىك تارقالغان، كۆپ مىقداردا تەر ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. تەر تەركىبىدە ھەر خىل ئاقسىل ۋە ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق ئاجرالمىلار بولىدۇ، بۇ ئاجرالمىلار ئەسلىدە سېسىق پۇرىمايدۇ، لېكىن بەدەن سىرتىدىكى باكتېرىيەلەر ئاجرالمىلارنى پارچىلىغاندىن كېيىن ھەر خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىغا ئايلىنىدۇ، بۇ ياغ كىسلاتالىرى سېسىق پۇرايدىغان بولغاچقا قولتۇق پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭ تەر بېزى ئاجرالمىلىرىنىڭ سېسىق پۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل قولتۇقتىكى باكتېرىيەلەر!

    ئەسلىدە قولتۇق پۇراش بولسا «نورمال» بولىدۇ.

    قولتۇق پۇراش ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىدە بۇرۇندىنلا بار، كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە بەزىلەرنىڭ گېنىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، بۇ خىل ئۆزگىرىش سەۋەبلىك ھازىرقى بەزى كىشىلەرنىڭ قولتۇقى پۇرىمايدىغان بولغان، لېكىن بۇنداق كىشىلەر ناھايىتى ئاز ساندا بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر قولتۇق پۇراشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. قولتۇق پۇراشنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىجتىمائىي ئالاقىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دائىم كىشىلەرگە زور روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا قولتۇق پۇراش كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

    قولتۇق پۇراش ئېغىر بولسا قانداق داۋالاش كېرەك؟

    قولتۇق پۇراشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىك ئۆز ئەھۋالىغا، ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇللارنى تاللىسا بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى تېزدىن داۋالاش كېرەك.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    1. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش

    بۇ قولتۇق پۇراشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، پىرىنسىپىمۇ ناھايىتى ئاددىي، ئاساسلىقى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئارقىلىق قولتۇق پۈرۈلمىسىدە كىچىك ئېغىز كېسىش، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.5cm ~ 3cm بولىدۇ، تېرە ئاستىدىكى چوڭ تەر بەزلىرىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىپ، تەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى مەنبەدىن ھەل قىلىش ئارقىلىق سېسىق پۇراقنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    2. كرېئاتوكسىن (肉毒素)نى ئوكۇل قىلىش

    ئاساسلىق مەقسىتى تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىش بولۇپ، يېنىك، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى قولتۇق پۇراش بىمارلىرىغا ماس كېلىدۇ، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى، ئاددىي، بىخەتەر، ئەسلىگە كېلىشى تېز بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئوكۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېسىم ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    3. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش

    كۆپ يۇيۇنۇش، ۋاقتىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بەدەننى پاكىز سۈرتۈش، كىيىملەرنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى سىرتقا يېيىپ قويۇش كېرەك، بۇ مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ، كانىلارنى يوقىتىشقا پايدىلىق.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    4. يېمەكلىككە دىققەت قىلىش

    ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: سامساق، غولپىياز قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ، ئادەمنى كۆپ تەرلىتىپ، قولتۇقتىكى سېسىق پۇراقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    5. كىيىم-كېچەكلەر ھاۋا ئۆتۈشۈپ سالقىن بولۇشى كېرەك

    ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى كىيىملەرنى كىيگەندە ئىسسىقلىقنى ۋاقتىدا تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرلىگەندىن كېيىن تەرنى تېزدىن قۇرۇتىدۇ ھەمدە باكتېرىيەلەرنىڭ تەردىكى ئاجرالمىلارنى پارچىلىشىنى ئازايتىدۇ.

    قولتۇق پۇراش توغرىسىدىكى بىلىملەر:

    1. قولتۇق پۇراشنىڭ يەنە قانداق باشقا ئالامەتلىرى بار؟

    ئەگەر بۇرۇن تاشقى قۇلاق يولىدىكى ئاجرالمىلار ناھايىتى مايلىق بولسا، بۇ ئادەمنىڭ قولتۇق پۇراش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇنلار چوڭ تەر بەزلىرى تارقالغان رايونغا تەۋە.

    2. 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن قولتۇق پۇراش ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ؟

    بۇ گەپنىڭ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاساسى بار، چۈنكى قولتۇق پۇراشنىڭ قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسى ئاساسلىقى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بولۇپ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن كېيىن بەدەندىكى ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، قولتۇق پۇراشمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    3. قولتۇق پۇراش ئىرسىيەتمۇ؟

    قولتۇق پۇراش X خىروموسومدىكى ئاشكارا يەككە ئىرسىيەت بولۇپ، پەقەت X خىروموسوملا ئېلىپ يۈرىدۇ ھەمدە ئىرسىيەت قالدۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ خىروموزومىسى XX، ئەرلەرنىڭ XY بولغاچقا بۇ ئاياللاردىكى قولتۇق پۇراشنىڭ ئەرلەردىن كۆپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.

    قولتۇق پۇراشنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

    4. قولتۇق پۇراشتا يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش كېرەك

    ئامال بار پۇرىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن: سامساق، كۈدە، غولپىياز ۋە سېمىز گۆش قاتارلىقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاراق، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

    قولتۇق پۇراش كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۆپ ھاللاردا بىمارلارغا زور پىسخىك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئەگەر بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، يەنىلا تېزدىن داۋالىنىش كېرەك.


    نۇر تورىدىن ئېلىندى!

  • 1
  • 1
  • 0
  • 456
  • Mr.losfer

    تىزىملىتىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ

    تىزىملىتىپ كىرىش
  • 1
    Mr.losferV 6ئورگان
  • تاق بۇرجەك يان ئىستون ئورنى:سول